• بېيجىڭدىكى قېرىنداشلار 2010-يىللىق نورۇز پائالىيىتىنى مەركىزى مىللەتلەر ئونۋېرسىتېتىدا تەنتەنىلىك تەبرىكلىدى.گەرچە شۇكۈنى ھەۋارايى ياخشى بولمىسىمۇ كۆپچىللىكنىڭ بايرام كەيپىياتىغا تەسىر كۆرسىتەلمىدى.پائالىيەتكە بېيجىڭدىكى ھەرقايسى مەكتەپلەردىكى ۋە ھەرساھەدىكى قېرىنداشلار قاتناشتى.نورۇز پائالىيىتىنى كۆرۈشكە كەلگەنلەر بەك كۆپ بولۇپ،مەركىزى مىللەتلەر ئونۋېرسىتېتىنىڭ چوڭ زالىغا پايماي قالدى.شۇلارنىڭ ئارىسىدا مەنمۇ باشتىن-ئاخىر ئۆرە تۇرۇپ  كۆردۈم.پائالىيەتكە يەنە ئالاھىدە مېھمانلاردىن ئابلەت ئابلىكىم،قەھرىمان،كىچىك چولپان ئەرفان...قاتارلىقلار ئۆزىنىڭ ئىسىل سوۋغاتلىرى ئارقىلىق پائالىيەتنىڭ كەيپىياتىنى تېخىمۇ يوقىرى كۆتۈردى.سۆرەتكە ئېلىنغان فىلىم ئانچە ياخشى چىقماپتۇ،لېكىن نەق مەيداندىن كۆرەلمىگەن دوستلار فىلىمدىن نورۇز كەيپىياتىنى ھېس قىلالايدۇ.ئاخىرىدا ئەزىز يۇرتتتىن ئايرىلىپ پايتەختتە مۇشۇنداق مول مەزمۇنلۇق نورۇز پائالىيىتىنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان ساھىبخان مەركىزى مىللەتلەر ئونۋېرسىتېتىغا ۋە  مەركىزى مىللەتلەر ئونۋېرسىتېتىدىكى پائالىيەت ئۈچۈن ئەجىر سىڭدۈرگەن ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلار،مىللەت سۆيەر دوستلارغا رەھمەت ئېيتىمەن.